ئاشىق خاتىرىسى

بۈگۈن:

تەبەسسۇم

يېشىڭنى سۈرتىۋەت دوستۇم ، بولدى يىغلىما ، بۇ دۇنيانىڭ رەھىمسىزلىكىگە ئ‍اھ ئ‍ۇرما . دۇنيا ھېچقاچان بىچارىلەرچە ياش تۆككەنلەرنىڭ ئ‍اھۇ-زارىغا ئ‍ىچ ئ‍اغرىتقان ئ‍ەمەس . ئاجىزلار كۈچلۈكلەرنىڭ قۇربانى بولىشى تەبىئي قانۇنىيەت . ئازاپلار ئ‍الدىدا تۆكۈلگەن كۆز يېشى پەقەت ئ‍اجىزلىقنىڭ ئ‍ىپادىسى ، سەن مەغلۇبىيەت ، قىيىنچىلىق ۋە ئ‍ازاپ ئ‍الدىدا تەبەسسۇم قىلىشنى ئۆگەنگىن ، شۇنداق قىلغاندىلا تاغدەك دەت-ئازاپلىرىڭ ئ‍ۈستىدىن غالىپ كېلەلەيسەن . ھەر كۈنى ، ھەر ئ‍ىشتا ، ھەر كىشىگە تەبەسسۇم قىلغىن . دوسلىرىڭغا تەبەسسۇم قىل ، مېھىر مۇھەببەت ھېس قىلسۇن . ئۆزۈڭگىمۇ تەبەسسۇم قىل روھىڭ كۆتۈرلۈپ قالىدۇ ، چارچاش ھېس قىلمايسەن . دۇنيا ئالدىدا بىچارىلەرچە يىغلاپ ئ‍ەمەس ، مەغرۇرانە كۈلۈپ ياشىغىن .

ئ‍ىنتىزار قەلبىم سىزگىلا ھامان

تىكىلەر كۆزلىرىم يولىڭىز تامان

لېكىن ئ‍ېيتالماي يۈرەك سۆزۈمنى

قىينايدۇ قەلبىمنى ھەسرەت-پىغان


تەنھا ئ‍اشىق–

بۇ ناخشىنى ئ‍اڭلاپ بېقىڭ



Subscribe | Register | Login | N